تۈركىيە - سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىغا ئالاقىدار يىغىن بۈگۈن قازاقىستاندا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە- سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىغا ئالاقىدار ئىككىنچى يىغىن بۈگۈن (20-ئىيۇن) قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2001824
تۈركىيە - سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىغا ئالاقىدار يىغىن بۈگۈن قازاقىستاندا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئاستانا يىغىنىدا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن دىن كېيىن، تۇنجى ئالاقىلىشىش 2022-يىلى 28-دېكابىردا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

دەسلەپتە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرى كۆرۈشكەن، ئاندىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت، بۈگۈن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدا قازاقىستان ئاستانادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۆت تەرەپ ھەيئىتىنىڭ بىرىنچى يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇۇىشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ۋە پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىختىيارى، بىخەتەر ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىغا قارىتا قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.

سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، بۇ باسقۇچنىڭ ئىلگىرىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر