توقايېۋ ماكروننىڭ مەسلىھەتچىسى دۇمونتنى قوبۇل قىلدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ مەسلىھەتچىسى ئىسابېللې دۇمونت بىلەن كۆرۈشتى.

1971049
توقايېۋ ماكروننىڭ مەسلىھەتچىسى دۇمونتنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت توقايېۋنىڭ پايتەخت ئاستانەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ مەسلىھەتچىسى دۇمونتنى ئاق ئوردىدا قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ توقايېۋغا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ مەكتۇپىنى تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، توقايېف ماكروننىڭ مەكتۇپىغا رەھمەت ئېيتقان ۋە فىرانسىيەنىڭ دۆلىتىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شېرىكلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۆتكەن يىلى 29 – نويابىر ماكرون بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن توقايېۋ: «بىز خەلقئارا سەھنىدىكى ئۆزگىرىشلەر، جۈملىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىككى سائەتتىن كۆپرەك سۆھبەتلەشكەنىدۇق» دېگەن.

ئۇ فىرانسىيەنىڭ قازاقىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شېرىكلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى قەدىرلەيمىز، دۆلىتىڭلارنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى رولىنى چۈشىنىمىز ۋە فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى توغرا باھالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

توقايېۋ فىرانسىيەنىڭ 2008 - يىلى قازاقىستان بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا تۇنجى دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «مەن يەنە بىر قېتىم شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئاكتىپ ۋە ئىشەنچنى ئاساس قىلغان سىياسىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلماقتا» دېدى.

دۇمونتمۇ فىرانسىيەنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر