ئىران بىلەن ئەزەربەيجان بىر - بىرىگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئايخان ھاجىزادە ئىراننىڭ ئەزەربەيجانغا، ئەزەربەيجاننىڭ ئىرانغا ئۇلتىماتوم تاپشۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1969363
ئىران بىلەن ئەزەربەيجان بىر - بىرىگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئايخان ھاجىزادە ئىراننىڭ ئەزەربەيجانغا «ئىرانغا قارشى تارقىتىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش» توغرىسىدا ئۇلتىماتوم تاپشۇرغانلىقىنى، ئەزەربەيجاننىڭمۇ ئوخشاش سەۋەب بىلەن ئىرانغا جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھاجىزادە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران ئۇلتىماتوم تاپشۇرغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابباس مۇسەۋىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسەۋىگە ئىراننىڭ ئۇلتىماتومىدىكى ئەزەربەيجان مەتبۇئاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەسلىكىنىڭ خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ھاجىزادە، ئىران باش ئەلچىسىگە ئەزەربەيجاننىڭ جاۋاب ئۇلتىماتومىدىن باشقا، ئىران مەتبۇئاتلىرىدا چىققان ئەزەربەيجانغا قارشى بىر قىسىم ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكىنىڭمۇ بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئەزەربەيجانغا قارشى يالغان ۋە قارا چاپلاش ماھىيىتىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشنىڭ ئىران مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئىران دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتىن يىراق باياناتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىختىلاپنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ باش ئەلچى مۇسەۋىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئىزچىل ھالدا ئىراننىڭ بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيەسى ۋە تاشلىغان قەدەملىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھاجىزادە، ئىراننىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ياخشى نىيەتلىك قەدەملىرىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىران مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەزەربەيجانغا قارشى يالغان ۋە بىر تەرەپلىمە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى باش ئەلچى مۇسەۋىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر