ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ سۈنئىي جىددىيچىلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيەنىڭ سۈنئىي جىددىيچىلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1957404
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ سۈنئىي جىددىيچىلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان تەۋەلىكىگە ئوق چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەرىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق رايوندا سۈنئىي جىددىيچىلىك پەيدا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن 21.30 دىن بۈگۈن 04.15 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى ۋە قاراباغ رايونىدىكى ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئورۇنلىرىغا ئەرمېنىيە ئارمىيەسى بىلەن قانۇنسىز ئەرمەن كۈچلىرىنىڭ 23 قېتىم ئوق چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭمۇ ۋەقەنىڭ ئۆچىنى ئالغانلىقىغا  ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرى ئىستىھكاملىرىمىزغا سىستېمىلىق ھالدا ئوق چىقىرىش ئارقىلىق ئارمىيەمىزنى ئىنكاس قايتۇرۇشقا قىستىماقتا ھەمدە چېگرا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى خادىملىرىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، رايوندا سۈنئىي جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

بىز يەنە بىر قېتىم شۇنى بايان قىلىمىزكى، ئەرمېنىيەنىڭ تۇغدۇرۇشى مۇمكىن بولغان ئىغۋاگەرچىلىك ۋە كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئەرىۋان ھۆكۈمىتى جاۋابكاردۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر