قازاقىستاندا ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاقارەت قىلغانلارغا بېرىلىدىغان جازا ئېغىرلاشتۇرۇلدى
قازاقىستاندا بۈگۈندىن (6-مارت) باشلاپ ھاقارەت قىلغانلارغا بېرىلىدىغان جازانى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغان يېڭىلانغان مەمۇرىي قانۇن يولغا قويۇلدى.
1955394
![قازاقىستاندا ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاقارەت قىلغانلارغا بېرىلىدىغان جازا ئېغىرلاشتۇرۇلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4e4c/9440/400f/64059e8a94056.jpg?time=1718874889)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستاندا ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاقارەت قىلغان، پاراكەندىچىلىك سالغان، ئاممىۋى بىنا ۋە تۇرالغۇلارغا، شۇنداقلا ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە ئاممىۋى مال-مۈلۈككە زىيان سالغان، ئاممىۋى سورۇنلارغا ھۆرمەت قىلمىغان، ئىجتىمائىي تەرتىپكە، ۋەكىشىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىگە زىيان سالغانلار قاتتىق جازالىنىدىغان بولدى.
جىنايىتى ئىسپاتلانغانلارغا 69 مىڭ تەڭگە (تەخمىنەن 3 مىڭ تۈركىيە لىراسى) ياكى 15 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
جىنايەت تەكرارلانغان تەقدىردە، قاماق جازاسى 30 كۈنگە چىقىرىلىدۇ.
قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ 3 – يانۋاردا مەمۇرىي جىنايەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەستىقلىغان ئىدى.