ئىلھام ئەلىيېۋ 59-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ۋە گرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 59-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان سۆھبەت يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

1948212
ئىلھام ئەلىيېۋ 59-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام ئەلىيېۋ، «تاغنى ئۆرۈش؛ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش» تېمىلىق يىغىندا، «ئەلۋەتتە بىز ياۋرو-ئاسىيانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ھازىر تىنچلىق كېلىشىمى ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتىمىز، بۇنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مېنىڭچە بۇ جىددىي ۋە تارىخىي ئىختىلاپلىرى بار بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۈشمەنلىك بەتلىرىنى يېپىشغا ياخشى مىسال بولۇپ قىلىشى مۇمكىن» دېدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيە بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتى توغرىسىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن ۋە پاشىنيانمۇ قاتناشقان ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۈستىدە توختىلىپ، «ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى» شۇنداقلا «ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى ئەرمېنىيە ئاھالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى» قاتارلىق ئىككى يۆنىلىشلىك پوزىتسىيەگە قارىتا ئورتاق تونۇش بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ بۇنىڭغا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنى رايوندا ياشايدىغان ئەرمېنىيە جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما رۇسىيەدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گرۇزىيە باش مىنىستىرى گارىباشۋىلىمۇ بۇ يىغىننى تەشكىللەشكە تۆھپە قوشقانلارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ھەممەيلەنگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

گارىباشۋىلى 2008-يىلى ئۆزلىرىنىڭمۇ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ گرۇزىيە زېمىنى بولغان ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتىيەنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گارىباشۋىلى رۇسىيەنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇكرائىناغا مەركەزلەشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ بىر ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇش، بىز بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىشىمىز كېرەك، بىزنىڭ تىنچلىقتىن باشقا تاللىشىمىز يوق» دېدى.

پاشىنيانمۇ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «يەر شارىنىڭ مۇقىمسىزلىقى رايونىمىزدىكى ئىشلارنى ياخشىلىمايدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارانىڭ دىققىتى ئۇكرائىناغا مەركەزلەشتى ۋە بۇ رايونىمىز ئۈچۈن يېڭى خەتەرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. خەلقئارانىڭ دىققىتىنى رايونىمىزغا تارتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى رايونىمىزدا بىرتەرەپ قىلىش كېرەكلىك نۇرغۇن خەتەرلەر بار» دېدى.

پاشىنيان ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتلارغا سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دېموكراتىك ئىسلاھاتلار، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىل ئەدلىيە قاتارلىق دېموكراتىك ئورگانلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ رايونىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر