چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋ بىلەن تېلېفونلىشىپ ئاپەت رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەن ئاپەت رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1947389
چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋ بىلەن تېلېفونلىشىپ ئاپەت رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەن 6- فېۋرال قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ، تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتى بىلەن سۈرىيەگە تەسىر كۆرسەتكەن  7.7 ۋە 7.6 بال چوڭلۇقىدىكى «ئەسىرنىڭ ئاپىتى» دەپ ئاتىلىۋاتقان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىنكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بايراموۋنىڭ مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئەزەربەيجاننىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا بۇ قىيىن كۈنلەردىمۇ قېرىنداش تۈركىيەنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش خىزمەتلىرىگە ھەمدەم بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر بايراموۋ قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى تەكىتلىگەن.

چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋنى ئاپەت رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.

ئىككى مىنىستىر يەنە، رايونغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر