ئەلىيېۋ بىلەن پۇتىن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1946828
ئەلىيېۋ بىلەن پۇتىن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ۋە ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئرەھبەرلەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى بىلەن، ئورتاق ئېنېرگىيە ھەمدە قاتناش تۈرلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، سۆھبەت جەريانىدا رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنىڭ شەرتسىز ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئەزەربەيجان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋام قىلىدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر