تۈركىيە - ئەزەربەيجان - تۈركمەنىستان بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

14-دېكابىر تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدا 25 ماددىلىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى.

1920017
تۈركىيە - ئەزەربەيجان - تۈركمەنىستان بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «تەرەپلەر سېلىغۇسى مەبلەغلەر، مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك تەمىنلەشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىنى يۆتكەش قاتارلىق بىرلەشمە پائالىيەت ۋە تۈرلەرنى قوللايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق تارىخ، تىل، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېقىنلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئاساس قىلىپ، ھوقۇق باراۋەرلىكى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە مەنپەئەت پىرىنسىپىغا تايىنىدىغان دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر