ئىراق تۈركمەنلىرى ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە سەل قارىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئىراق تۈركمەن فىرونتى رەئىسى ھەسەن تۇران تۈركمەنلەرنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتتىن ئورۇن ئالالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1894616
ئىراق تۈركمەنلىرى ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە سەل قارىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت باغدادتا بىر تۈركۈم ژۇرنالىستلار بىلەن كۆرۈشكەن ھەسەن تۇران، ئىراقتىكى ھۆكۈمەت تەشكىللەش تىرىشچانلىقلىرى ۋە تۈركمەنلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

«بىز تۈركمەنلەرنىڭ يېڭى كابىنېتقا كىرگۈزۈلمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بىزنى ئەنسىرەتمەكتە» دېگەن تۇران، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كەم دېگەندە بىر ئىجرائىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركمەنلەرگە بېرىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرىسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركمەنلەرنىڭ ئىراقنىڭ ئۈچىنچى ئاساسى ئېلېمېنتى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان تۇران، مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىڭمۇ تۈركمەنلەرگە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىراق تۈركمەن فىرونتى رەئىسى تۇران يەنە كەركۈكنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركمەنلەر ئورۇن ئالمىغان ھەر قانداق شەھەر باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىراق پارلامېنتى بۇ ھەپتە مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى رەھبەرلىكىدە قۇرۇلىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتكە بېلەت تاشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر