توكايېۋ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى يىغىنىدا سۆز قىلدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ، دۆلىتىدىكى ۋەقەلەرنىڭ نامسىز بىر مەركەزدىن ماسلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1760000
توكايېۋ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكايېۋ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ تور مۇھىتىدا چاقىرىلغان يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۆلىتىنىڭ بىر ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، ئاممىۋىي قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالمۇتا شەھىرىنى زەربە ئوبېيكتى قىلغانلىقىنى، دەسلىپىدە دۆلەتنىڭ جەنۇبىنى، ئارقىدىن پايتەخت نۇرسۇلتاننى قولغا كىرگۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، پات يېقىندا قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ پاكىتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «ھۆكۈمەت خەلققە ئۇرۇش ئاچمىدى، ئاچمايدۇ» دېدى ۋە بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىر نامسىز مەركەزدىن باشقۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قاسىم جۆمەرت توكايېۋ، رۇسىيە باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقنىڭ قازاقىستانغا 2330 ئەسكەر ۋە 250 پارچە ھەربىي لازىمەتلىك ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «بەزى قاتلاملارنىڭ رۇسىيە باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى گۇمانلىرى مەلۇمات كەمچىلىكىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. بۇ ئىتتىپاق بىلەن قىلىنىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.

توكايېۋ سەيشەنبە كۈنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ 2 – يانۋار (2022) باشلانغان نامايىشلار، دۆلەتلەرنىڭ باشقا جايلارغىمۇ كېڭىيىپ كەتكەنىدى.

ئاممىۋى قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن نامايىشلار جەريانىدا خەۋپسىزلىك  كۈچلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن. خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ساقچى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا كىرگەن نامايىشچىلارغا ئاۋاز بومبىسى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغانىدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، نامايىشلارنىڭ جاۋابكارى دەپ كۆرسەتكەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغان. ئارقىدىن 7- يانۋار دۆلەتنىڭ بارلىق جايلىرىدا ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تېررورچىلار ھازىرمۇ قورال ئىشلىتىپ پۇقرالارنىڭ مال - مۈلۈكلىرىگە زىيان سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنىدى.

نامايىشلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن كېيىن پايتەخت نۇرسۇلتان، ئالمۇتا شەھىرى ۋە مانگىستاۋ ئۆلكىلىرىدە ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت قارارىنىڭ پۈتۈن قازاقىستان مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر