مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە بارىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1574411
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 1 - فېۋرالدىن 2 – فېۋرالغىچە ئېلىپ بارىدىغان قىبرىس زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى قىبرىس مەسلىسى بولىدۇ.

قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرگە ئالاقىدار يول خەرىتىسى ئۈستىدە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە سالغان مەلەغلىرىمۇ مۇزاكىرە ئۈستىلىدە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر