ئەردوغان باكۇغا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيە ئىشغاليىتى ئاستىدىكى زېمىنلىرىنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پاراتتىن ئۆتۈش زەپەر مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت باكۇغا يېتىپ باردى.

1543043
ئەردوغان باكۇغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجانغا تۈنۈگۈن يېتىپ بارغان بولۇپ، بۈگۈن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىرگە سابىق پىرېزىدېنت ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئىككى پىرېزىدېنت ئاندىن ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە شېھىتزارلىقىنىمۇ زىيارەت قىلدى ۋە پاراتتىن ئۆتۈش زەپەر مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتنىشىدىدىغان بولدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۈچۈن ياشلار سارىيىدا رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى رەھبەر كۈن تەرتىپكە ئالقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر