ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت 4 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى.
1514517
![ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/01cb/3aaa/49d1/5f9152675c1a4.jpg?time=1719038342)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 3 – 9 ئارىلىقىدا، ئەرمېنىيەگە ئائىت 2 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، ئەزەربەيجان ھاېا مۇداپىئەسى كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن، يەنە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىمۇ تېخنولوگىيەلىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق چۈشۈرۈۋېتىلگەن.