ئامېرىكادا ئەرمېنىيەنىڭ قاراباغ ئىشغالىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىغا قىلغان ھۇجۇمى ۋە تاغلىق قاراباغنى ئىشغال قىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1509404
ئامېرىكادا ئەرمېنىيەنىڭ قاراباغ ئىشغالىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
abd azerbaycan destek mitingi1.jpg
abd azerbaycan destek mitingi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا ئاقساراينىڭ ئالدىغا بارغان نامايىشچىلار، ئەزەربەيجاننى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىدى.

ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالچىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق مەيدانىنى تەنقىد قىلىدىغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالچى پوزىتسىيەسى ۋە پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ئاقساراينىڭ ئالدىدىكى پائالىيەتتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن نامايىشچىلار، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەگە بولغان مېھرى – مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر