ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇم تەشەببۇسىغا تاقابىل تۇردى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي تۈن بويى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇردى.

1507934
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇم تەشەببۇسىغا تاقابىل تۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەرمېنىيە كۈچلىرى، قولدىن بېرىپ قويغان نۇقتىلارنى قايتىدىن ئىشغال قىلىش ئۈچۈن، تۈن بويى ئاغدەرە، ئاغدام، فۇزۇلى ۋە ھادرۇت يۆنىلىشىدە كىىچك گۇرۇپپىلار ھالىتىدە ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بۇ ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت 3 دانە گراد  باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، بىر دانە «Tor-M2KM»  تىپلىق زېنىت توپ سىستېمىسى، بىر دانە « ZSU-23-4 » تىپلىق موتورلۇق زېنىت توپ، ئىككى دانە « BMP-2» تىپلىق پىيادىلەر بىرونېۋىكى، 3 دانە « Giatsint B» تىپلىق «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، بىر دانە « KS-19» تىپلىق زېنىت توپ، بىر دانە « D-20 » تىپلىق «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، 3 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە بىرقانچە ھەربىي ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىغان.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 3 – زەربىدارلار  پولكىنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭمۇ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، 1 -  موتورلۇق پىيادە ئەسكەرلەر پولكى تۇزاققا چۈشۈرۈلگەن، قوزغالغان ھەربىي ئاپتوموبىللار پاچاقلاپ تاشلانغان. ئەسكەران يۆنىلىشىدە ھەرىكەت قىلغان 4 - موتورلۇق پىيادە ئەسكەرلەر پولكىنىڭ ئاپتوموبىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئەترەتكىمۇ زەربە بېرىلگەن، ھەمدە ئەرمېنىيەنىڭ سىسىئان رايونىدىن ئىشغال ئاستىدىكى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا قاراپ قوزغالغان بىر گۇرۇپپا پىدائىيمۇ ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان.

قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئەرمېنىيە كۈچلىرى ئارىسىدا ئاممىۋى قېچىشلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىۋاتقان ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بولسا، پۈتكۈل ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرىنى بويلاپ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا ئىكەن.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتىدىمۇ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئاغدام، تەرتەر، ئاغجەبەدى ۋە گورانبوي ۋىلايەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

 ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە، موسكۋادا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردە، 10 – ئۆكتەبىر  شەنبە كۈنى، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دىن ئېتىبارەن، تاغلىق قاراباغدا ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدە مېيىت ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر