ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بۈگۈنگىچە جەمئىي 22 رايونىنى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھازىرغىچە 22 رايونىنى ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1502865
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بۈگۈنگىچە جەمئىي 22 رايونىنى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلدى
Madagiz'de Azerbaycan bayrağı dikildi.jpg
azerbaycan.jpg
azerbaycan savunma bk.ligi.jpg
azerbaycan ermenistan

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلغان رايونلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئىشەنچلىك ئەزەربەيجان مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«جەبرائىل ۋىلايىتى بىلەن قاراخانبەيلى، تۆۋەنكى سېيىتاھمەتلى، مەھدىلى، تۆۋەنكى ماراليان، كۇيجاك، كەندخورادىز، چاكىرلى، بۈيۈك مەرجانلى، شەيبەي، تالىش، قارقۇلۇ، شۈكۈربەيلى، يۇقارقى ماراليان، جەرەكەن، داشكەسەن، ھورۇۋلۇ، دەجان، ماھمۇتلۇ، جافەرابات، سۇگاۋۇشان ۋە پاپى يېزىسى قاتارلىق جەمئىي 22 ئولتۇراق رايون ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىندى.»

ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە 27 - سېنتەبىر سەھەردە، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ تۇرالغۇ رايونىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشى بىلەن توقۇنۇش باشلانغان ئىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، بىر قىسىم تۇرالغۇ رايونلىرىنى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر