ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

1480132
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدىكى فۇزۇلى ۋىلايىتى ئەتراپىدا، ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرى ئۈستىدە چارلاش ئېلىپ بارغان ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر