تاجىكىستان ئۆزبېكىستاندىن تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىدۇ

تاجىكىستان ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى شەۋكەت شايىمزادە، 2019-يىلى ئۆزبېكىستاندىن تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1135541
تاجىكىستان ئۆزبېكىستاندىن تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان  بۇ يىل ئۆزبېكىستاندىن ئىمپورت قىلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى تەخمىنەن 4 ھەسسە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاجىكىستان ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى شەۋكەت شايىمزادە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، تاجىكىستاننىڭ بۇلتۇر ئۆزبېكىستاندىن 54 مىليون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلغانلىقىنى، بۇ يىل بۇ مىقدارنى 4 ھەسسە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شەۋكەت شايىمزادە، تاجىكىستاننىڭ 2019-يىلى ئۆزبېكىستاندىن تەخمىنەن 200 مىليون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى بىلەن ئاللىبۇرۇنلا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى باشلىۋەتكەنلىكلىرىنى ئېيتقان شايىمزادە، پات يېقىندا كېلىشىم ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستانغا ھەر مىڭ كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز ئۈچۈن 120 دوللار تۆلەپ كېلىۋاتقانىدى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان، تاجىكىستان ئۆزبېكىستانغا توك ئېكسپورت قىلىۋاتقان بولسا، ئۆزبېكىستانمۇ تاجىكىستانغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىپ كەلمەكتە.  

ئۆزبېكىستاندا يىلدا ئوتتۇرىچە 60 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ مىقدارنىڭ  كۆپ قىسمى مەملىكەت ئىچىدە ئىشلىتىلىدۇ. 10-12 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز بولسا خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر