قازاقىستاندا تۈركىيە فىلىملىرى مەستانىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلدى

قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە 4 – نۆۋەتلىك تۈركىيە فىلىملىرى ھەپتىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1082680
قازاقىستاندا تۈركىيە فىلىملىرى مەستانىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت 1 قانىلىنىڭ ئاتاقلىق تېلېۋزىيە تىياتىرى «دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» دا سەلجان خاتۇننىڭ رولىغا چىققان دىدەم بالچىن بىلەن سۇنگۇر تەكىننىڭ رولىغا چىققان سەزگىن ئەردەمىر تۈركىيە فىلىملىرى ھەپتىسى پائالىيىتىنىڭ شەرەپ مېھمانلىرى بولدى.

تۈركىيەنىڭ ئالماتادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى قاغان يىلماز تۈركىيە خەلقى بىلەن قازاقىستان خەلقىنىڭ ئورتاق كۈلتۈرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

قاغان يىلماز كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ ئالماتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، تۈركىيەدىكى زامانىۋىي كۈلتۈرنى كېنو سەنئىتى ئارقىلىق قازاقىستانغا يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە فىلىملىرى ھەپتىسى پائالىيىتىدە، «ۋەزىپىمىز تەتىل»، «ئاچچىق، تاتلىق ۋە چۈچۈك»، «تۇمار ۋە سومۇنجى بابا» قاتارلىق فىلىملەرمۇ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.

فىلىملەر كېنو مەستانىلىرىغا قازاقچە ئىكران تەرجىمىسى بىلەن ھەقسىز كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر