تاجىكىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ساياھەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تارجىكىستاندا ۋېلىسىپىت بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقان 4 چەت ئەللىك ساياھەتچى ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1023043
تاجىكىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ساياھەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان مەتبۇئاتلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىنتېرنېتتىكى پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلىتىگە تەۋە «SITE Intelligence Group»نى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، يەكشەنبە كۈنى خاتلون ۋىلىيىتىدە ۋېلىسىپىت بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ۋە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رامىزان رەھىمزادە تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋقەنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ۋەقەگە دائىر، قاتناش ۋەقەسى، بۇلاڭچىلىق ۋە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جىنايەت ئېھتىماللىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېررورلۇق ھۇجۇمى بولىشىمۇ مۇمكىن» دېگەن ئىدى.

تاجىكىستاننىڭ خاتلون ۋىلايىتىدە يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ۋېلىسىپىت بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە ئاپتوموبىل بىلەن قىلىنغان ۋە ھۇجۇمدا 4 كىشى ئۆلۈپ، 3 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن تاجىكىستان ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن 2 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بىرسى يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر