تۈركىيە ئۆزبېكىستاننىڭ 4 – چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى

تۈركىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.

1014867
تۈركىيە ئۆزبېكىستاننىڭ 4 – چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى  بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 17.7 مىليارد دوللارغا يەتكەن، ئېكسپورت مىقدارى 7.8 مىليارد دوللارغا، ئىمپورت مىقدارى 9.9 مىليارد دوللارغا يەتكەن، تاشقى سودا پاسسىپ بالانىسى بولسا 2.1 مىليارد دوللار بولغان. بۇ جەرياندا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا % 16 لىك ئۈلۈش بىلەن رۇسىيە بىرىنچى رەتكە، % 5.9 لىك ئۈلۈش بىلەن خىتاي ئىككىنچى رەتكە، % 8.1 لىك ئۈۈش بىلەن قازاقىستان ئۈچىنچى رەتكە، % 5.3 لىك ئۈلۈش بىلەن تۈركىيە تۆتىنچى رەتكە، % 4.3 لىك ئۈلۈش بىلەن جەنۇبىي كورېيە بەشىنچى رەتكە تىزىلغان.

بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئېكسپورتىدا مۇلازىمەت ساھەسى، ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى، ئىمپورتتا بولسا ماشىنىسازلىق، ئۈسكۈنە ۋە خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار بىرىنچى رەتكە تىزىلغان.

بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا دۆلەتلىك ئېكىسپورتنىڭ % 30.8 تىنى خىزمەتلەر، % 16.4 تىنى ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى، % 7.5 تىنى يېزا ئىگىلىك، % 6 تىنى خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار تەشكىل قىلغان، ئىمپورتنىڭ % 33.8 تىنى ماشىنىسازلىق ۋە ئۈسكۈنە مەھسۇلاتلىرى، % 24.3 تىنى خىزمەتلەر، % 11.5 تىنى خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار، % 8.6 تىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەشكىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر