ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە

ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرى كۈنى ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى پايتەخت باكۇنىڭ مەشھۇر «ئازادلىق مەيدانى» دا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات ئارقىلىق تەبرىكلەندى.

1000141
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان بەشىنچى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ، پاكىستان، بېلارۇسىيە، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، گىرۇزىيە، ئىران، ئىسرائىلىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي دائىرىلىرى ئىشتىراك قىلدى.

ھەربىي پاراتقا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىقلى بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار قاتناشتى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ھەربىي پاراتتا قىلغان سۆزىدە، ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەسىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ئەزەربەيجاننىڭ نۆۋەتتە ئۇرۇش شارائىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەسكەرلەردىن كېيىن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە ئائىت تانكىلار، بىرونىۋىكلار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ۋە توپلار پاراتتىن ئۆتكۈزۈلدى، جۈملىدىن تۈركىيەدىن ئېلىنغان ۋە روكېتسان گۇرۇھى ئىشلەپچىقارغان « SOM B1 » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار تۇنجى قېتىم پاراتتىن ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر