قازاقىستان بىلەن تۈركىيە رادىيو ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتمەكتە

قازاقىستان دۆلەتلىك رادىيوسى بىلەن تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى كۈلتۈر – سەنئەت ۋە تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بىرلىكتە ئىشلەشنى باشلىدى.

996641
قازاقىستان بىلەن تۈركىيە رادىيو ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەتلىك رادىيوسىنىڭ باش مۇدىرى مادى ماناتبەقۇلى تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى بىلەن كۈلتۈرسەنئەت ۋە تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بىرلىكتە ئىشلەش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ماناتبەقۇلى ئىلگىرى تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسدا ئاساسەن دېگۈدەك تېلېۋىزىيە ساھەسى بويىچە ھەمكارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى، بىراق رادىيو ساھەسىدىكى مۇناسۋەتلەرنىڭ كۆپ تەرەققىي قىلىلالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رادىيولار ئارا مۇناسىۋەتلەرنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى. 

بۇ يىل تۈركىيە رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت «TRT» بىلەن ھەمكارلىشىش تەكلىپى سۇنغانلىقى ۋە بۇ تەكلىپنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماناتبەقۇلى، ماي ئېيىدا تۈركىيەدىكى رادىيو فېستۋالىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ھەمدە زىيارەت جەريانىدا بەزى مۇزاكىرەلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ماناتبەقۇلى: «تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى بىلەن كۈلتۈر- سەنئەت ۋە تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بىرلىكتە ئىشلەش كېلىشىمى تۈزدۇق. ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بىرلىكتە تەييارلىغان 2خەۋىرىمىز ئېلان قىلىندى. تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى بىزگە <ئانادولۇ دۇنياسىدىن> تېمىلىق كۈلتۈر  سەنئەت پىروگراممىسى تەييارلاپ بەرمەكتە. خەۋەرلەرنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى ۋە قازاقىستانلىق ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تولىمۇ ياقتۇرىشغا ئېرىشتى» دېدى.

قازاقىستان رادىيوسى خادىملىرىنىڭمۇ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە ھەر يىلى تۈركىيەگە ئەۋەتىلىشىگە دائىر كېلشىم ئىمزالىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ماناتبەقۇلى، تەلىم - تەربىيە ئۈچۈن كېرەكلىك پۈتۈن چىقىملارنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن قامدالغانلىقىنى، بىرىنچى باسقۇچلۇق گۇرۇپپىنىڭ بۇ يىل تۈركىيەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ماناتبەقۇلى: «تېخنىكا خادىملىرى، مۇخبىرلار ۋە مەمۇرىي ئىشلار خادىملىرىغا ئايرىم - ئايرىم تەلىم تەربىيە بېرىلىدۇ. تەلىمتەربىيە جەريانىدا بىزنىڭ خادىملىرىمىزنىڭمۇ تۈركىيەلىك كەسپداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدىغان تەجرىبىلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى. 

قازاقىستاننىڭمۇ تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش سىتۇدېئو سىرتى تارقىتىشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «ئاستانا ئاخبارات ھەپتىسى» پائالىيىتىدە ئەمىلىيلەشتۈرۈلگەن سىتۇدېئو سىرتى تارقىتىشلارنىڭ خەلق تەرىپىدىن ئىنتايىن ياقتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ماناتبەقۇلى تۈركىيە بىلەن رادىيو ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى ئالدىنقى يىلى قىرغىزىستان بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان ئورتاق تارقىتىشلار ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەپ، بۇ يىل بۇ تىرىشچانلىقلارنى ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيە رادىيولىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر