ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىنقى سپە لىنىيەسىدە ئەرمېنىيەگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى.
995366
![ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/c286/7e3d/138f/5b28e1deb0f74.jpg?time=1718923065)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ فۇزۇلى – خوجاۋەند رايونىدا ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەسى ئۈستىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەرمېنىيەگە ئائىت (X-55) تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتكەن.
مىنىستىرلىق ئەرمېنىيەگە ئائىت چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى.