بۇلغارىيەدىكى تۈرك سايلىغۇچىلار ئاۋاز بېرىشكە تەييارلانماقتا

بۇلغارىيەدىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تۈرك سايلىغۇچىلار تۈركىيەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە ئومۇمىي سايلام ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشكە تەييارلانماقتا.

989279
بۇلغارىيەدىكى تۈرك سايلىغۇچىلار ئاۋاز بېرىشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سوفىيە، فىلىبە ۋە بىرگاستا 8 مىڭ 500 سايلىغۇچى ئاۋاز بېرىدىكەن، تۈركىيەنىڭ سوفىيە باش ئەلچىخانىسى، فىلىبە ۋە بۇرگاس باش كونسۇلخانىلىرىدا سايلام مەركەزلىرى تەسىس قىلىنىدىكەن. ئاۋاز بېرىش 16 – ئىيۇن كۈنى باشلىنىپ، 18 – ئىيۇن كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

تۈركىيەنىڭ سوفىيە باش ئەلچىسى ھەسەن ئۇلۇسوي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «پەقەت بۇلغارىيەدە تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچىلىرىمىزلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردە تىزىمغا ئالدۇرغان پۇقرالىرىمىزمۇ بۇلغارىيەدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر