خۇش خەۋەر: تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخ، ئەدەبىيات ۋە جۇغراپىيە دەرسلىكلىرى بىرلەشتۈرۈلىدۇ

ئورتاق تۈرك تارىخى، ئورتاق تۈرك ئەدەبىياتى ۋە ئورتاق تۈرك جۇغراپىيەسى دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ پات ئارىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتۇلۇشى پىلانلانماقتا.

946349
خۇش خەۋەر: تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخ، ئەدەبىيات ۋە جۇغراپىيە دەرسلىكلىرى بىرلەشتۈرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدەبىيات مۇتەخەسسىسلىرى ئورتاق تۈرك ئەدەبىياتى دەرسىلىكى تۈزۈش پىلانى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى باشلىقى دەرخان قادىرئەلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تىنچلىق ۋە ماسلىشىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تاشقى مۇناسىۋەت ئىشلىرى ئورگىنى مۇدىرى ئىلھان ئاقسوي، ئەزەربەيجان دۆلەتلىك پىداگوگېكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوتسېنت دوكتور بىلال ھەسەنوۋ، قىرغىزىستان تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكولتېتۇتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئوسماناخون ئىبرايىموۋدىن باشقا يەنە، تارىخ ۋە ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.

خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى باشلىقى دەرخان قادىرئەلى يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدا، ئالدىنقى يىلى تۈزۈلگەن ئورتاق تۈرك تارىخى دەرسلىك پىلانىنىڭ تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تارىخ مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، «ئورتاق تۈرك تارىخىي» دەرسلىك كىتابىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ۋە كېلەر يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردە تاللاش خاراكتېرلىك دەرس سۈپىتىدە ئوقۇتۇلۇش قارارى ماقۇللانغانلىقىدىن نەقەدەر شادلىققا چۆمگەنلىكىنى ئېيتتى.

دەرخان قادىرئەلى: «بۇ ئىشقا تۈركىيە باشلامچىلىق قىلغان بولدى، ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىمۇ بىز بىرلىكتە تەييارلىغان ئورتاق تۈرك تارىخىي دەرسلىكى كىتابى تاللاش خاراكتېرلىك دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلىدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمان قىلمايمىز» دېدى.

دەرخان قادىرئەلى ئەمدى نۆۋەتنىڭ ئورتاق تۈرك ئەدەبىياتى دەرسلىكىگە كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە جېكىلىدى.

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تاشقى مۇناسىۋەت ئىشلىرى ئورگىنى مۇدىرى ئىلھان ئاقسويمۇ ئورتاق تۈرك ئەدەبىياتى دەرسلىكى لايىھەسىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىمىزنى تاماملىدۇق، ئىنشائاللاھ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.

ئەزەربەيجان دۆلەتلىك پىداگوگېكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوتسېنت دوكتور بىلال ھەسەنوۋ بۇ لايىھە دائىرىسىدە، تۈرك خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى، سىياسىي ۋە تارىخىي بىرلىكىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ لايىھەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىزنى ئىشقا سالىمىز» دېدى.

قىرغىزىستان تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتۇتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئوسماناخون ئىبرايىموۋ «ئورتاق تۈرك تارىخى، ئورتاق تۈرك ئەدەبىياتى ۋە ئورتاق تۈرك جۇغراپىيەسى دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ھەم مەكتەپلەردە، ھەم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتۇلۇشىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ۋە باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئورتاق تۈرك ئەدەبىياتى دەرسلىك پىروگراممىسى لايىھەسى، تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئاندىن دەرسلىك كىتابىنى تەييارلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى ئالدىنقى يىلى سېنتەبىر ئېيىدا سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەسى دائىرىسىدىكى ئورتاق تۈرك تارىخى دەرسلىك كىتابىنى بۇ يىل (2018) تاماملاشنى پىلانلىماقتا.

بۇ لايىھەنى تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەت پىرېزىدېنتلىرىنىڭ تەستىقلىشى كۈتۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا، كېلەر يىلى يەنە، ئورتاق تۈرك جۇغراپىيەسى دەرسلىك لايىھەسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشىمۇ پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر