قازاقىستان خىتاي پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىشنى پىلانلىماقتا

قازاقىستان، خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا ئالماستىن 3 كۈن ساياھەت قىلىش ھوقۇقى بېرىشكە تەييارلانماقتا.

928616
قازاقىستان خىتاي پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندىكى ئالاقىدار تارماقلار ساياھەت ساھەسىنى گۈللەندۈرۈش نىشانى دائىرىسىدە، «2020 – يىللىق ساياھەت تەرەققىيات پىلانى» تەييارلاپ چىقتى.

مەزكۇر پىلاندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى 3 كۈن بويىچە قازاقىستاندا ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدىكەن؛  قازاقىستان دائىرىلىرى، بۇ قولاي شارائىتتىن ھىندىستان پۇقرالىرىنىمۇ بەھرىمەن قىلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە ئىكەن.

بۇ تۈزۈم مۇشۇ يىل ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئىجرا قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر