ئوتتۇرا ئاسىيا پىرېزىدېنتلىرى ئاستانادا ئۇچرىشىدۇ
ئوتتۇرا ئاسىيا پىرېزىدېنتلىرى پەيشەنبە كۈنى پايتەخت ئاستانادا يىغىن چاقىرىدۇ.
![ئوتتۇرا ئاسىيا پىرېزىدېنتلىرى ئاستانادا ئۇچرىشىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d3a2/687e/ddaa/590c7a8ea089d.jpg?time=1718871584)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئاسىيا پىرېزىدېنتلىرى مەسلىھەت كېڭىشى پەيشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مېدىيا باياناتچىسى ئايدوس ئۇكىباي پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكىباي: بۇ يىغىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق بايرىمى بولغان نورۇزنىڭ ھارپا كۈنىدە ئۆتكۈزۈلۈشى تولىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر، دېدى.
يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىگەن ئۇكىباي تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانقۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ بۇرۇن پىلانلانغان دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى سەۋەبلىك يىغىنغا ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن تۈركمەنىستان پارلامېنت باشلىقى ئاكچا نۇربەديېۋانىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئېمومالى رەھموننىڭ چارشەنبە كۈنى قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئۇكىباي، زىيارەت دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ كېڭەش قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.