گىرېتسىيەدە تۈرك پارلامېنت ئەزاسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گىرېتسىيە پارلامېنتىدا ئاشقۇن ئوڭچىل ئالتۇن شەپەق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئەللىئاس كاسسىدىئارىس سىرىزا پارتىيەسىنىڭ رودوپ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا مۇستافاغا ئاغزاكى ھۇجۇم قىلدى.

924736
گىرېتسىيەدە تۈرك پارلامېنت ئەزاسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس كوسىئاسنىڭ قىبرىس مەسىلىسى ۋە تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق پارلامېنتقا خىتاب قىلىشى جەريانىدا، كاسسىدىئارىسنىڭ «مۇستافا يىغىندىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەك» تەرىقىسىدىكى باياناتلىرى سەۋەبىدىن تالاش – تارتىش يۈز بەردى.

كاسسىدىئارىس مۇستافاغا قارىتىپ، «تۈرك پارلامېنت ئەزاسىنى ئارىمىزغا ئالالمايمىز، تۈرك جاسۇسى يوقال» دېدى.

دەسلەپتە كومىتېتنىڭ سىرىزا پارتىيەسىنىڭ يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى نىكوس كسىداكىس بىلەن ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى بولغان يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسىدىن يورگوس كوئۇموئۇچاكوس قاتارلىق باشقا پارلامېنت ئەزالىرى  ئالتۇن شەپەق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

تالاش – تارتىش ئەۋجىگە چىققاندىن كېيىن ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى يىغىن زالىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا باردى، بىراق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىغىن قايتىدىن باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر