شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان  قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىبرىس تۈرك تەرىپى بىلەن تۈركىيەگە قۇلاق سالماستىن قارىغۇلارچە رۇم تەرىپىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

920925
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىبرىس رۇم رەتىپىنىڭ قوللىشىغا ئەگىشىپ، تۈرك خەلقىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسكنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى قىبرىس تۈرك تەرىپىنىڭ رازىلىقى ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي مەۋجۇدىيىتى ۋە پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشىگە ئالاقىدار چاقىرىقىنىڭ، رايوننىڭ ھەقىقەتلىرىگە زىت ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، تاسكنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ئارقىلىق شەرقىي ئاقدېڭىزدە ئەڭ ئۇزۇن ساھىللارغا ئىگە بولغان تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى خالىغانچە يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنغانلىقى، بۇنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ قىبرىس تۈركلىرى ۋە قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئۇنتۇشقا ۋە نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشكە ئۇرۇندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر