ئامېرىكادىكى تۈرك جەمئىيەتلىرى نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تۈرك جەمئىيەتلىرى تاپشۇرغان باجلىرى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ غا ياردەم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پالاتا ئەزالىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

913588
ئامېرىكادىكى تۈرك جەمئىيەتلىرى نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەلىك كارخانىچى مۇرات گۈزەل مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى (MÜSİAD) نىڭ ئامېرىكا شۆبىسى ۋە تۈرك ئامېرىكان مىللىي يۈزلەندۈرۈش كومىتېتى (TASC) قاتارلىق تەشكىلاتلار قوللىغان سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەش بىلەن باشلىدى. ئۇ تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ تۆلىگەن باجلىرىنىڭ ھېسابىنى سورىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكادىكى تۈرك خەلقى سىياسىيغا كۆپىرەك ئارىلىشىپ، ئاۋازىنى ئاڭلىتىشى كېرەك. پالاتا ئەزالىرىنىڭ سايلىغۇچىلارغا ھېساب بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا، بولۇپمۇ ي پ گ سەۋەبىدىن يىرىكچىلىكلەر يۈز بەرمەكتە. تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇھىم ناتو ئىتتىپاقدىشى. تېررورلۇق تەشكىلاتى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلىمەن. مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ي پ گ نىڭ پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە كونگرەگە دوكلات سۇنغان. مەن ئۇلارنىڭ دوكلاتقا دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغىمۇ خىلاپ» دېدى.

مۇرات گۈزەل نارازىلىقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلىگەندىن كېيىن، ئۆز رايونىدىكى پالاتا ئەزالىرى ۋە باشقا پالاتا ئەزالىرىغا تېلېفون قىلىپ، نارازىلىقىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە كونگرەدە بۇ ھەقتە يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە كونگرە بىناسىنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سودا-كارخانىچى مۇرات گۈزەل دېموكراتلار پارتىيەسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇ شىركىتىدە 200 دىن ئارتۇق ئامېرىكالىقنىڭ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، تۆلىگەن باجلارنىڭ ي پ گ غا ياردەم قىلىنىشىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ باشلىقى مۇستافا تۇنجەر ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ تاپشۇرغان بېجىنى تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ي پ گ غا ياردەم قىلغانلىقىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019 -يىلى ئۈچۈن تەييارلانغان خامچوت لايىھەسىدە ئۆزىنى <سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى> دەپ ئاتىۋالغان پ ي د/ پ ك ك غا 500 مىليون دوللاردىن كۆپ ياردەم قىلماقچى. بۇ ياردەملەر بىز تاپشۇرغان باجلاردىن قىلىنىدۇ، بىز بۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز» دېدى.

مۇستافا تۇنجەر: «بۇ دۆلەتكە تاپشۇرغان ھەر بىر سىنت باجنى نازارەت قىلىمەن. بىزدىن ئېلىنغان باجلاردىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ خىزمەت سۇنۇلۇشى كېرەك ئىدى، بىراق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلىنىۋاتىدۇ، بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ئامېرىكادىكى تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ كۈنلۈك تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىغان تۈرك ئامېرىكان مىللىي يۈزلەندۈرۈش كومىتېتى رەئىسى خالىل مۇتلۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ي پ گ غا بېرىلگەن ياردەملەرنى نازارەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. خالىل مۇتلۇ: «تۈرك ئامېرىكان جەمئىيىتى پىشانىسىدىن تەر تۆكۈپ تاپقانلىرىدىن تۆلىگەن باجلارنىڭ ي پ گ ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىغا بېرىلىشىگە شىددەت بىلەن قارشى چىقىدۇ. ئامېرىكادا پەقەت تۈرك دىئاسپوراسىلا ئەمەس، بەلكى باج تاپشۇرغان باشقا ئامېرىكالىقلارمۇ بۇ ئەھۋالدىن بىئارام» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) 2019-يىللىق خامچوت لايىھەسىدە ئۆزىنى «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» دەپ ئاتىۋالغان پ ي د/ پ ك ك نى تەربىيەلەش ۋە قوراللاندۇرۇش پىروگراممىسى ئۈچۈن 300 مىليون دوللار، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قۇردۇرۇلغان چېگرا بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئۈچۈن 250 مىليون دوللار ئاجرىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر