ئەردوغان نەزەربايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

901508
ئەردوغان نەزەربايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، ھەمدە تۈركىي تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ مارتتا چاقىرىلىدىغان پەۋقۇلئاددە يىغىنى توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

 بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەردوغان نەزەربايېۋنى قازاقىستان – تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئەنقەرەدە چاقىرىلىدىغان يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر