نەزەربايېۋ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەبايېۋ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇساپىدە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكاغا ئوخشاش مۇھىم ئاكتىيورلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

890601
نەزەربايېۋ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىرلىكتە ئورتاق ئاخبارات ئېلان يىغىنى ئۆتكۈزدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ قازاقىستاننىڭ ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىقتىسادىي شېرىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ قازاقىستاننىڭ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرەسىدىكى قوللاشلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ئارمىيەمىزنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش ۋە تالىبانغا قارشى قىلىۋاتقان كۈرىشىگە، ئارقا سەپ جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ياردەملەرنى قىلىۋاتقان قازاقىستاننىڭ بۇ ياردەملەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئىشىدا، پىرېزىدېنت نەزەربايېۋنىڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەبرىكلەيمەن ۋە قىزغىن قارشى ئالىمەن.»

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللرىدىن تازىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك پائالىيەتلەردە، قازاقىستاننىڭ قوللىشىنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكا بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنىڭ رايون مۇقىملىقى نۇقتىسىدىن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ھازىرغىچە ئافغانىستانغا 75 مىليون دوللار قىممىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەمدە تېخنىكا ياردىمى قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

پىرېزىدېنت نەزەربايېۋ بىر چاغلاردا قازاقىستاننىڭمۇ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭدىن خالىسلارچە ۋاز كەچكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«قازاقىستاننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشنىڭ پىيىدە يۈرگەن دۆلەتلەرگە بۇ ھەقتە گەپ قىلىش ھوقۇقى بار دەپ ئويلايمەن. ئىران بىلەن مۇشۇ ئۇسۇلدا سۆھبەتلىشىۋاتىمىز، شىمالىي كورېيە بىلەنمۇ مۇشۇنداق سۆزلىشىمىز. شىمالىي كورېيە مەسىلىسى، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ھەل بولۇشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر