شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە سايلام نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام كېڭىشى يەكشەنبە (7-يانۋار) ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

885109
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە سايلام نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشى ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر ھۈسەيىن ئۆزگۈرگۈن رەھبەرلىكىدىكى مىللىي بىرلەشمە پارتىيەسى %35.57 ئاۋازغا ئېرىشىپ بىرىنچى بولغان. جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيەسى بىلەن دېموكرات پارتىيە كۆپ ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن.

ئالىي سايلام كېڭىشى رەئىسى نارىن فەردى شەفىك پايتەخت لەفكوشادا كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سايلامدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن مىللىي بىرلەشمە پارتىيە پارلامېنتتا 21 ئورۇنغا، جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيەسى 12 ئورۇنغا، خەلقنىڭ پارتىيەسى توققۇز ئورۇنغا، خەلقچى دېموكراتىيە پارتىيەسى ئۈچ ئورۇنغا، دېموكرات پارتىيەسى ئۈچ ئورۇنغا ۋە قايتىدىن تۇغۇلۇش پارتىيەسى ئىككى ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكىنى؛ ئىناۋەتسىز ئاۋازنىڭ %11.7 بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئۆزگۈرگۈن رەھبەرلىكىدىكى مىللىي بىرلەشمە پارتىيەسى بىلەن سەردار دەڭكتاش رەھبەرلىكىدىكى دېموكرات پارتىيەنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىدا ئىدى. پارلامېنتتا 18 ئەزاسى بولغان مىللىي بىرلەشمە پارتىيەسى ۋە تۆت ئەزاسى بار دېموكرات پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى تۆت نەپەر مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى سىرتتىن قوللىغان ئىدى. ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيەسىنىڭ 20 پارلامېنت ئەزاسى، خەلقچى دېموكرات پارتىيەسىنىڭ ئۈچ پارلامېنت ئەزاسى بار ئىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى 2017-يىل 13-نويابىر ئاۋاز بىرلىكى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر