ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىزھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئەرمېنىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئەزەرەبەيجان ئالدىنقى فىرونت بازىلىرى ئۈستىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە بايقالدى.
875537
![ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىزھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/47ae/7d3e/d7ee/584edb77f3bc5.jpg?time=1718832650)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئەرمېنىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 25 – دېكابىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى فىرونت لىنىيەسىگە جايلاشقان ئاغدام رايونىدا، ئەرمېنىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئەزەرەبەيجان بازىلىرى ئۈستىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.