گېرمانىيەدە ئۈچ تۈرك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

فرانكفۇرد شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى فرانكفۇرد چەت ئەللىكلەر مەجلىسى پاۋلىس چېركاۋىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چەت ئەللىكلەرگە مۇراسىم بىلەن مۇكاپات تارقاتتى.

867297
گېرمانىيەدە ئۈچ تۈرك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فرانكفۇرد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 37 چەت ئەللىككە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، تۈركلەردىن فرانكفۇرد گۆتە ئۇنىۋېرستېتى ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ھۈدايى كوركۇسۇز، ھۆكىست دوختۇرخانىسىنىڭ پېنسىيونىرى پىروفېسسور دوكتور شەمى شەن، ئاك بانكا مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى بانۇ ئەجدەر ئۆزجانغا مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى بېرىلدى.

پىروفېسسور دوكتور ھۈدايى كوركۇسۇز مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىر بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى، ياۋروپادا ئىسلام ئۆچمەنلىك دولقۇنى بار، بۇ مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمدە تېخىمۇ شەرەپكە ئىگە قىلىدىغان مۇكاپات بولدى» دېدى.

مۇراسىمدا پىروفېسسور شەمى شەنمۇ سۆز قىلدى. ئۇ تۈركىيە-گېرمانىيە دوستلۇقىغا ھەسسە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىلتىپات قىلىپ، بىزگە بۇ مۇكاپاتنى لايىق كۆرۈپتۇ، بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشالمەن» دېدى.

ئاك بانكا مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى بانۇ ئەجدەر ئۆزجان مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر