قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى موسكۋادا پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، پايتەخت موسكۋادا قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېئېنبېكوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

858139
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى موسكۋادا پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، قىرغىزىستاننىڭ ياۋرو – ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە قېتىلىشىدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن بولغان سودا ھەجىمىنىڭ سۈرئەت بىلەن ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «قىرغىزىستان بىلەن پەقەت ئىقتىسادىيلا ئەمەس، خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدىمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز» دېدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن پايتەخت موسكۋادا قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېئېنبېكوۋ بىلەن كۆرۈشتى؛ پۇتىن، ئۆتكەن ئاي قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان جېئېنبېكوۋنى تەبرىكلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىڭىزنى رۇسىيەگە قىلغانلىقىڭىزدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمىز» دېدى.

قىرغىزىستاننىڭ ياۋرو – ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە قېتىلىشىدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن بولغان سودا ھەجىمىنىڭ %30 ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن پۇتىن، «بولۇپمۇ قىرغىزىستاندىن قىلغان ئاشلىق ئىمپورتىمىز ئىككى ھەسسە ئاشتى. بۇلارنى ئىجابىي ئالامەتلەر، دەپ ئويلايمەن. قىرغىزىستان بىلەن پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس، خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدىمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جېئېنبېكوۋمۇ تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى رۇسىيەگە قاراتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «بۇ ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش ئىرادىمىزنى نامايان قىلماقتىمىز» دېدى.

پۇتىنغا قىرغىزىستان خەلقىگە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن جېئېنبېكوۋ، رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستانغا نىسبەتەن ئالدىنقى قاتاردىكى شېرىكلەرنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر