قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

قىرغىزىستاندا 15-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلغان سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سورونباي جەئەنبېكوۋ قەسەم قىلىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

854381
قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاندا 15-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلغان سوتسىيال دېموكرات پارتىيەنىڭ نامزاتى سورونباي جەئەنبېكوۋنىڭ قەسەم قىلىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا چەت ئەللىك مېھمانلار تەكلىپ قىلىنمىدى، پەقەت پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزىي قاتناشتۇرۇلدى. قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى نۇرجان شائىلدابېكوۋا پىرېزىدېنتلىق ئىزنىكىنى جەئەنبېكوۋغا تاپشۇردى.

جەئەنبېكوۋ سابىق پىرېزىدېنت ئاتامبايېۋ دىن قىرغىزىستان بايرىقىنى سۆيۈپ تاپشۇرۇۋالدى ۋە قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىغا قولىنى قويۇپ قەسەم قىلدى. ئۇ سۆزىدە، بىرىنچى بولۇپ ئادىل ۋە ئەركىن سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە ئەجىر سىڭدۈرگەن سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋنى ئەڭ ئالىي مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلاش قارارىنى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، كۆپ مىللەتلىك خەلقنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى تەكىتلەپ، دۆلەتتە، بولۇپمۇ يۇرتۋازلىق ۋە ئېتنىك ئايرىمىچىلىققا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇستەقىل قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىك يولدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مۇستەقىللىق تارىخىمىزدا تۇنجى قېتىم تىنچلىق بىلەن رەھبەر ئالماشتى» دېدى.

ئۇ ئۆزىنى قوللىغان خەلققە تەشەككۈر ئېيتتى ۋە تاشقى سىياسەتتە مىللىي مەنپەئەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىمىز، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تارىخىي رىشتىلىرىمىزنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ئالتە يىللىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خەلقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سابىق پىرېزىدېنت ئاتامبايېۋمۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، جەئەنبېكوۋغا مۇۋەپپەقىيەت ۋە مول بەخت تىلىدى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە قىرغىزىستان خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى.

سورونباي جەئەنبېكوۋ 15-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا %54.22 ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر