پۇتىن نەزەربايېۋغا رەھمەت ئېيتتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئاستانا سۆھبەتلىرى سايىسىدا سۈرىيە كىرىزىسىغا بالدۇر چارە تېپىش ئېھتىمالىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

844797
پۇتىن نەزەربايېۋغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئاستانا سۆھبەتلىرى سايىسىدا سۈرىيە كىرىزىسىغا بالدۇر چارە تېپىش ئېھتىمالىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋغا ئاستانا سۆھبەتلىرىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيەنىڭ چېليابىنىسكى شەھىرىدە قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى؛ پۇتىن، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نەزەربايېۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئەتراپلىق شۇنداقلا ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «رۇسىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش توغرىسىدا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پۇتىن يەنە، قازاقىستان بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «مۇناسىۋەتلىرىمىز دوستلۇق، ياخشى قوشنىدارچىلىق، باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش دائىرىسىدە راۋاجلانماقتا. ئاستانا سۆھبەتلىرى سايىسىدا سۈرىيە كىرىزىسىغا بالدۇر چارە تېپىش ئېھتىمالى شەكىللەندى. قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋغا ئاستانا سۆھبەتلىرىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋمۇ ئۆزىگە نىسبەتەن چېليابىنىسكى شەھىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «ياشلىقىمدا بۇ شەھەرگە پات – پات كېلەتتىم. ئۇ چاغلاردا چېليابىنىسكىدا مەن بارمىغان شىركەت يوق ئىدى. بۇ رايون پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم مېتاللورگىيە مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر