ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ئەزەربەيجاندا
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرى ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا.
822228
![ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ئەزەربەيجاندا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6014/7b6e/dfd6/58dbe4fdc5e9d.jpg?time=1718935377)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلەر ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
ئۇچرىشىشتا، قاراباغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلىنىۋاتقان قەدەملەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرى 6 – ئۆكتەبىر كۈنى ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى سېرج ساركىسيان بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغانىدى.