«رۇسىيە قىرىم تاتارلىرىغا سېلىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىشى كېرەك»

ياۋروپا پارلامېنتى رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى قىرىمدا تاتار خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

821036
«رۇسىيە قىرىم تاتارلىرىغا سېلىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ستراسبۇرگدا چاقىرىلغان يىغىنىدا، قىرىم تاتارلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلمى ئۆمەروۋ بىلەن ئەختەم چىيگۆزگە قاماق جازاسى بېرىلىشىنى تەنقىد قىلغان ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى رۇسىيەنىڭ قارارلىرى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن موسكۋادىن بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىنى  تەلەپ قىلدى.

تاتار رەھبەرلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى، ژۇرنالىست مىكولا سېمېنا ئۈستىدىن چىقىرىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنىڭ بىكا رقىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى، تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىككە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى قىرىمدا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن جىددىي كەينىگە چېكىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ كېلېپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پارلامېت ئەزالىرى رۇسىيەنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن موسكۋانىڭ ھەم رۇسىيە ھەم ئۇكرائىنا تەرىپىدىن ئىمزالانغان خەلقئارا ۋە ياۋروپا قانۇنلىرىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نۇتۇقلاردىن كېيىن  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرى قىرىمدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئاغدۇرۇلغان ۋە قىرىم تاتارلىرى تارتىۋاتقان زۇلۇم ئەيىبلەنگەن قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى.

ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچى بولمىغان قانۇن تەكلىپىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىدىن «تېررورىزمنى قوللىشى، ئىشغال ئاستىدىكى قىرىمدا ئۇكرائىنالىقلار بىلەن تاتارلارغا ئايرىمچىلىق قىلىشى» تۈپەيلى ئۇكرائىنانىڭ خەلقئارا ئەدلىيە مەھكىمىسىگە رۇسىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشىنى قوللىشى تەلەپ قىلىندى.

رۇسىيە 2014 – يىلى ئۇكرائىنا تېرروتېرىيەسى بولغان قىرىمنى بېسىۋالغان، ئارقىدىنلا قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختاتقانىدى.

قىرىمدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رۇس سوت مەھكىمىلىرى ئۆتكەن ئاي تاتار رەھبەرلىرىدىن ئىلمى ئۆمەروۋغا 2 يىل، ئەختەم چىيگكزگە 8 يىل قاماق جازاسى بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر