گېرمانىيەدە 14 تۈرك پارلامېنتتا

گېرمانىيەدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا تېگى تۈرك 14 پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتقا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

813663
گېرمانىيەدە 14 تۈرك پارلامېنتتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئومۇمىي سايلامنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئايدان ئۆزئوغۇز، مەتىن ھاقۋەردى، ماھمۇت ئۆزدەمىر، جانسەل قىزىلتەپە، گۈلىستان يۈكسەل ۋە ئەلۋان قورقماز سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى سايلانغان.

يېشىللار پارتىيەسىدىن جەم ئۆزدەمىر، دانيال بەياز، ئەكىن دەلىگۆز، جانان بايرام، فىلىز پولات، سول پارتىيەدىن ئەۋرىم سوممەر، سەۋىم داغدەلەن ۋە گۆكاي ئاقبۇلۇت قاتارلىقلار پارلامېنتقا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

شۇنىڭ بىلەن، ئالدىنقى قېتىمدا سايلامغا 11 بولغان تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى بۇ قېتىم 14 كە يەتكەن.

ئۆتكەن قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولغان يېشىللار پارتىيەسىدىن ئۆزجان مۇتلۇ بىلەن خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلىكى پارتىيەسىدىن جەمىلە يۈسۈف بۇ قېتىم سايلىنالمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سايلامدا 92 تۈرك نامزات بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر