قازاقىستان شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

قازاقىستان، جۈمە كۈنى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان شىمالىي كورېيەنىڭ قاتتىق ئەيىبلىدى.

780756
قازاقىستان شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بومبا سىنىقىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا زىت ئىكەنلىكى، دۇنيا تىنچلىقىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە ھەم رايون ھەم دۇنيا مىقياسىدا ۋەزىيەتنى تۇراقسىزلاشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە سىياسىتىنىڭ دۇنيادىكى يادرو قورالسىزلىنىش مۇساپىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە يادروسىز كېلەچەكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىكى ئورتاق تىرىشچانلىقلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «شىمالىي كورېيەنى ئۆز خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى، شۇنداق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، يادرو (قورالىغا ئىگە بولۇش) ئىستىكىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتىنىڭ، مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەرنىڭ مۇزاكىرە مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلاپ، ئۆزئارا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان چارىلەرنى تېپىش چىقىش تىرىشچانلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغانلىقى، مەسىلىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىل كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

ياپونىيە، شىمالىي كورېيەنىڭ 28 – ئىيۇلدا يەنە بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى ۋە بومبىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي رايونى دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ-ئۇن، سىناق قىلىنغان قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا زەربە بېرەلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر