ئاقىنجى: بۇ ھەپتە قىبرىس ۋە رايوننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى، بۇ ھەپتىنىڭ قىبرىس ۋە رايوننىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قارار چىقىرىش ھەپتىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

763406
ئاقىنجى: بۇ ھەپتە قىبرىس ۋە رايوننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى، شىۋېيتسارىيەنىڭ كرانس-مونتانا شەھىرىدە چاقىرىلغان قىبرىس يىغىنى جەريانىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا بايانات بېرىپ، «قىبرىسنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن باشقا غەرىزىمىز يوق. شۇڭا، بۇ يەردىكى مەسئۇلىيەتلىرىمىزگە مەركەزلەشمەكتىمىز. قىبرىس تۈرك خەلقىنى ۋە بىر پۈتۈن ئارىلىمىزنى ئۆزىگە لايىق رەۋىشتىكى تېخىمۇ گۈزەل، تىنچلىققا تويۇنغان بىر كېلەچەككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، قەتئىي ئىرادە بىلەن بۇ يەردىمىز. بۇ ئىرادىمىزنىڭ ئۈنۈمسىز قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

«ھەردائىم تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، بىز بۇ يىغىننىڭ بىر قارار چىقىرىش يىغىنى، دەپ ھەرىكەت قىلماقتىمىز» دېگەن ئاقىنجى، شۇڭا، رىم تەرەپنىڭ بەزى مەسىلىلەرنىڭ ئايرىم كومىتېتلارغا ھاۋالە قىلىنىشى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ماقۇللىمىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ، ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان بىر يىغىندا مۇھىم مەسىلىلەرنى بىر پىلان دائىرىسىدە مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش پىكرىنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە بىردەك قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

تۈرك تەرەپنىڭ، ئۇزۇندىن بۇيان مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى، شۇڭا كەڭ دائىرىدە مۇھاكىمە قىلىشنىڭ شەرت بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاقىنجى، «بۇ دائىرىدە، قىبرىس تۈرك خەلقى باراۋەرلىك، خەۋپسىزلىك ۋە ئەركىنلىك ئىچىدە ياشايدىغان؛ رىم خەلقىمۇ ئۆزىنى خەۋپ ئاستىدا ھېس قىلمايدىغان بىر رامكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن، مەيلى سىياسىي پارتىيەلىرىمىز مەيلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن بولسۇن، يېقىندىن كېڭىشىش ئاساسىدا تىرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر