ئامېرىكىدا ترامپ دەۋرى ۋە ياۋرو - ئاسىيا

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ئامېرىكىدا ترامپ دەۋرى ۋە ياۋرو - ئاسىيا» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

762160
ئامېرىكىدا ترامپ دەۋرى ۋە ياۋرو - ئاسىيا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مۇشۇ يىل 20 – يانۋاردا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرو – ئاسىيا رايونىدا قانداق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىدىغانلىقى قىزىقىش قوزغىماقتا. بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتۇپ، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ئامېرىكىدا ترامپ دەۋرى ۋە ياۋرو - ئاسىيا» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

تۈركىيە ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ياۋرو-ئاسىيا رايونى، بىرلا ۋاقىتتا بىردىن كۆپ دۇنياۋى كۈچ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈۋاتقان جايلارنىڭ بىرى. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ ياۋرو – ئاسىيا كۈچلۈك دۇنياۋى كۈچ كۈرىشى نامايان بولىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولىدۇ. بۇ دائىرىدە، 2017 – يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغان دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدا ۋە ياۋرو – ئاسىيا سىياسىتىدە پەيدا قىلىدىغان تەسىرلىرى قىزىقىش قوزغىماقتا. شۇڭا، بىز سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك بۈگۈنكى سانىدا، ۋاشىنگتوندىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ياۋرو – ئاسىيا ئۈچۈن نېمىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئانالىز قىلىپ ئۆتىمىز.

ياۋرو – ئاسىيانىڭ قەلبىگە جايلاشقان تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە، بىر تەرەپتىن رايونىدا باش كۆتۈرگەن چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇۋازىنەتنى ساقلاشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، چېگرا ھالقىغان مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان ئىستراتېگىيەلەرگە موھتاج بولماقتا. شۇڭا، پەقەت ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرگىلا ئەمەس، دۇنياۋى ئاكتىيورلارنىڭ دىنامىك سىياسەتلىرىگىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلماقتا. گېئو-مەدەنىيەت ۋە گېئو-سىياسەت ئۆزگىچە خۇسۇسىيەت بېغىشلىغان تۈركىيە ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى، بىردىن كۆپ رايون خاراكتېرلىك سىستېمىدىكى مۇۋازىنەتكە ئازدۇر – كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. شۇڭا، تۈركىيە بىلەن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى، ھەم ئۆزىگە ئالاقىدار رايوندىكى ھەم دۇنيا سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىشكە مەجبۇر.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرو – ئاسىيا جۇغراپىيەسىدە قانداق سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىغا دائىر سوئالنىڭ جاۋابى، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم. نۆۋەتتىكى تۇراقسىزلىقنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىش ئېھتىماللىقى بار. بىراق، شۇنى دېيىشكە بولىدۇكى، 20 – يانۋاردا ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان يېڭى سەھىپە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە دۇنيا ئۈچۈن يېڭى ۋە تولغىقى ئېغىر بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. ئالدىمىزدىكى يىللاردا، يەر يۈزىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا بۇ ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرلىرى ھېس قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا تۈركىيە بىلەن يېقىندىن ئالاقىسى بار تۈركىستان جۇغراپىيەسىمۇ بار.

ترامپ، ئاتلانتىك ئىتتىپاقىغا سېخىيلارچە پۇل سەرپ قىلىپ رەھبەرلىك قىلىدىغان بىر دۆلەت بولۇشنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، بىۋاسىتە ھالدا ئۆزى مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان چوڭ كۈچتەك ھەرىكەت قىلىش يولىنى تاللىماقتا. ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياننى ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىمۇ بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. تىنچ ئوكياننى ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئاۋسترالىيە، بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتى، كانادا، چىلى، ياپونىيە، مالايشىيا، مېكسىكا، يېڭى زېلاندىيە، پېرۇ، سىنگاپۇر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ۋىيېتنام دېگەندەك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا ۋە سېلىنما پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى نىشان قىلغان ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەشەببۇسلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ دۆلەتلەر دۇنيا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40 ىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. تىنچ ئوكياننى ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى، تىنچ ئوكياننىڭ بىردىنبىر بازىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق سودا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىپ، ئورتاق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، 12 دۆلەتنىڭ سودا ۋە سېلىنمىسى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇۋاپىق شارائىت يارىتىش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلىدۇ. تىنچ ئوكياننى ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن، خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش كۈچىگە چەكلىمە قويۇلۇپ، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى ۋە مۇھىت ھوقۇقلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆلچەملەرنىڭ قويۇلۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ يېڭى بازارلارغا كىرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە ئىدى. تەرەپلەر، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان تىنچ ئوكياننى ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشىغا دائىر كېلىشىمنى 2016 – يىلى 4 – فېۋرالدا ئىمزالىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، 2017 – يىلى 23 – يانۋاردا سايلام مەزگىلىدىكى ۋەدىسىگە ئاساسەن، ترامپ دۆلىتىنىڭ تىنچ ئوكياننى ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىدىن چېكىنىشىنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

ئامېرىكىنىڭ تۈركىستان سىياسىتىدە، بۇ رايوننى قورشاپ تۇرۇۋاتقان چوڭ كۈچلەرگە ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلەر مۇھىم بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىلانىنى، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش جەريانىدا تاشلايدىغان قەدەملىرىنىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭدا پەيدا قىلىدىغان تەسىرلىرىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا تاشلايدۇ. تۈركىستان گېئو-سىياسىتىنىڭ رۇسىيە، خىتاي ۋە باشقا مۇھىم قوشنىلار بىلەن بىرلىكتە مەنىگە ئىگە قىلىنىشى، بۇ پايتەختلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى داۋالغۇشلارنىڭمۇ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئەكس ئېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىستانغا قارىغاندا رۇسىيە ۋە خىتاينىمۇ كۆرىدۇ، خىتايغا ۋە رۇسىيەگە بولغان قارىشىدىكى ئۆزگىرىشلەر بولسا، تۈركىستان ئۈچۈنمۇ بەزى نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مەن، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋرو – ئاسىيا ۋە تۈركىستان سىياسىتىدە پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۈتمىسەممۇ، يېقىنقى 12 يىلدا تۇنجى قېتىم بىر جۇمھۇرىيەتچى پىرېزىدېنت نامزاتى سايلامدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا / تۈركىستان توغرىسىدا بايانات بەردى. بۇ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سالمىقىنىڭ ئاشىدىغانلىقىغا دائىر بىر ئىشارەت بولۇشى مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردا ياۋرو – ئاسىيادا ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەتلەر كۈچەيمەكتە. بۇ ھەرىكەتلەرگە قارشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يۇمشاق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، دېموكراتىيەنى تەشۋىق قىلىش سىياسەتلىرىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈركىستاندىن تۈركىيەگىچە سوزۇلغان لىنىيەنىڭ ئەھمىيىتى پەقەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل چوڭ كۈچلەر ئۈچۈنمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ لىنىيە بۈيۈك كۈرەشلەرنىڭ سەھنىسى بولىدۇ. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ياۋروپا بىلەن خىتاينى بىر  - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان «تۈرك بەلبېغى» پۈتكۈل تەرەپلەر ئۈچۈن مۇھىم ھالغا كېلىدۇ، شۇنداقلا ناھايىتى شىددەتلىك بىر كۈرەش زېمىنىغا ئايلىنىدۇ. بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ تەقدىرىنى بىر – بىرىگە تېخىمۇ مۇستەھكەم باغلايدىغان بۈيۈك بىر گېئوپولىتىكىلىق ئۆزگىرىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر