«تۈركلەر جاسارەت ئابىدەسى، تۈرك تىلى روھ ۋە چۈشەنچە سىستېمىسىدۇر»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى تۈركلەرنىڭ جاسارەت ئابىدەسى، تۈرك تىلىنىڭ پەقەت تىللا ئەمەس، بەلكى روھ ۋە چۈشەنچە سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

733367
«تۈركلەر جاسارەت ئابىدەسى، تۈرك تىلى روھ ۋە چۈشەنچە سىستېمىسىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇھانى جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمى سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە شەرقىي ئەزەربەيجان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى تەبرىزدە خەلققە خىتاب قىلغاندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تۈركلەر ۋە تۈرك تىلىنى ماختاپ، «تۈركلەر جاسارەت ئابىدەسى، تۈرك تىلى روھ ۋە چۈشەنچە سىستېمىسىدۇر» دېدى.

ئۇرمىيە كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىش مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغان رۇھانى، ئالدىنقى قېتىملىق پىرېزىدېنت سايلىمى سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى جەريانىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بەزى قارارلارنى چىقىرىپ، ئىجرا قىلمىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇرمىيە كۆلى تامامەن قۇرۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، شەرقىي ئەزەربەيجان بىلەن غەربىي ئەزەربەيجان ۋىلايەتلىرى تۇز بوران – چاپقۇنلىرىغا دۇچ كەلگەن بولاتتى.»

ئىرانغا مەبلەغ سالماقچى بولغان كارخانىچىلار ئۈچۈن ئېمبارگولارنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن رۇھانى، ئۇرمىيە كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭمۇ ناھايتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز دۇنيا بىلەن ئارىمىزغا سېپىل سوقۇشنى خالىمايمىز، شۇڭا، دۇنيا بىلەن ئارىمىزدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان تەبرىز – بازەرگان (تۈركىيە چېگرا ئېغىزى) دۆلەتلىك تاش يولىنى يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرىمىز.»

تەبرىزنىڭ 2018 – يىلى ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى بولۇشى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ دۇنيا ساياھەت مەركىزى بولۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن رۇھانى، ھەممە كىشىنى جۈمە كۈنى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر