قازاقىستان 4 - نۆۋەتلىك سۈرىيە سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەتە ئاستانىدا باشلىنىدىغان ئىككى كۈنلۈك تۆتىنچى نۆۋەتلىك سۇرىيە يىغىنىغا بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

724219
قازاقىستان 4 - نۆۋەتلىك سۈرىيە سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەتبۇئات ئىشلىرى باياناتچىسى ئانۇئار جايناكوۋ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بايانات بېرىپ، «ئاستانىدىكى خەلقئارالىق سۇرىيە سۆھبەتلىرىگە مۇھەممەد ئەللۇش رىياسەتچىلىكىدىكى سۈرىيە قوراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەر ئىشتىراك قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ، 3-، 4 – ماي كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى بۈگۈن رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراندىن ئىبارەت ئۈچ كاپالەتچى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

6 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۇرىيە كىرىزىسىغا سىياسىي چارە تېپىش يولىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئاستانا مۇساپىسى يانۋار ئېيىدا باشلىغان بولۇپ، تەرەپلەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا يەنە ئىككى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر