تۈرك كارخانىچىلار كېڭىشى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈرك كارخانىچىلار كېڭىشى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

712768
تۈرك كارخانىچىلار كېڭىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك كېڭىشى قارمىقىدىكى تۈرك كارخانىچىلار كېڭىشىنىڭ 2017 – يىللىق (5 – نۆۋەتلىك) يىغىنى 2017 – يىلى 3 – ئاپرېل كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا چاقىرىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈرك كارخانىچىلار كېڭىشى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى 2010 – يىلى 16 – سېنتەبىر ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان يىغىنىدا، ئورتاق كارخانا كېڭىشى قۇرۇشنى قارار قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن، سودا، سانائەت، سېلىنما، تېخنولوگىيە ئالماشتۇرۇش، خىزمەت ۋە باشقا ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە «تۈرك كارخانا كېڭىشى» قۇرۇلدى.

تۈرك كارخانا كېڭىشى، 2009 – يىلى 3 – ئۆكتەبىردە ئىمزالانغان ناھچىۋان كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن قۇرۇلغان تۈرك كېڭىشى قارمىقىدا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈرك كارخانا كېڭىشى پايدا يارىتىشنى نىشان قىلمايدىغان خەلقئارالىق پۇقراۋى تەشكىلات بولۇپ، ئەزا ئەللەرنىڭ سودا – سانائەتچىلىرى ئارىسىدىكى ئورتاق پائالىيەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئۇلارنى تونۇتۇش رولىنى ئوينايدىغان بىر مۇنبەر، شۇنداقلا تۈرك كېڭىشىگە ئەزا ئەللەر ئارا خۇسۇسىي ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىدىكى ئاساسلىق ۋاسىتىچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت تىلى ئىنگلىزچە بولسىمۇ، ئايرىم پائالىيەتلىرىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۈرك شېۋىلىرىنىمۇ ئىشلىتىدۇ.

تۈرك كارخانىچىلار كېڭىشى يەنە، تەلەپ قىلىنغان شەكىلدە مەخسۇس مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئورتاق ھەرىكەت قىلىش يولى بىلەن تۈرك كېڭىشىگە ئەزا ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەكلىپ - لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ، تۈرك كېڭىشىنىڭ مەسلىھەت كېڭىشى رولى ئوينايدۇ. تۈرك كېڭىشىگە ئەزا ئەللەر ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپلىك كارخانا كېڭىشى ئورگانلىرىغا يول كۆرسىتىدۇ.

تۈرك كارخانا كېڭىشى شەرتنامىسىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈرك كارخانا كېڭىشىنىڭ نىشانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

 

- كەڭ دائىرىلىك سودا ھەمكارلىقىنى، ئۆزئارا سېلىنمىلارنى، چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقلارنى ۋە ئەزا ئەللەر ئارىسىدا ئورتاق لايىھەلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان پىلان – لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛

- سىجىل دىيالوگ ۋە بەس – مۇنازىرە مۇنبەرلىرى مېخانىزملىرىنى يارىتىش مەقسىتىدە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلۈك ئورگانلاشتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىش؛

- خىزمەت ئېھتىياجى، پۇرسەتلىرى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ئورتاق مۇھاكىمە قىلىنىشى بويىچە دۆلەت ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەر ئارىسىدا دىيالوگ مۇھىتى يارىتىش؛

- ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى مودېل قىلغان ھالدا دۆلەت ۋە خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە بۇ مەقسەتتە كەسپىي مۇلازىمەت قىلىش؛

- ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى گۈللەندۈرۈشكە مۇۋاپىق سودا مۇھىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق قانۇنى ۋە مەمۇرىي شەرت – شارائىت ھازىرلاش يولىدىكى خىزمەتلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش؛

- ئەزا تەشكىلاتلارنى ھەر بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى، مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى، سودا سىياسەتلىرى ۋە قانۇنىي ئۆزگىرىشلەرگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش؛

- كەسپىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆزى ۋە ئەزا ئەللەرنىڭ خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىشنى تەشۋىق قىلىش؛

- يۇقىرىدىكى مەقسەت – مۇددىئانى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەخسۇس پىلان – لايىھەلەر ۋە باشقا ئورتاق پائالىيەتلەر توغرىسىدا تۈرك كېڭىشى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش.

 

تۈرك كارخانا كېڭىشى شەرتنامىسىنىڭ ئۈچىنچى ماددىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا ھەر بىر دۆلەت مەزكۇر دۆلەتنىڭ سودا – سانائەت قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللىي بىر تەشكىلات ئارقىلىق تۈرك كارخانا كېڭىشىگە ئەزا بولىدۇ. مەزكۇر مىللىي تەشكىلاتلار تۆۋەندىكىچە:

 

- ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى تەشەببۇسكارلار (خىزمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر) تەشكىلاتلىرى مىللىي كونفېدېراتسىيەسى؛

- ئاتاماكان قازاقىستان مىللىي ئىقتىساد ئورگىنى؛

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى سودا – سانائەت ئورگىنى؛

تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر بىرلىكى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئورگىنى.

 

تۈرك كارخانا كېڭىشىنىڭ 2017 – يىللىق (بەشىنچى نۆۋەتلىك) يىغىنى 2017 – يىلى 3 – ئاپرېلدا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا چاقىرىلدى. تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى رامىل ھاسانوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان يىغىنغا تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر بىرلىكىنىڭ باشلىقى رىفات ھىسارجىكلىئوغلۇ، ئەزەربەيجان سودا – سانائەتچىلەر كونفېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى مامەد مۇسايېۋ، قىرغىزىستان سودا – سانائەتچىلەر ئورگىنى باشلىقى مارات شارشەكېيېۋ، قازاقىستان تەشەببۇسكارلار ئورگىنى ئىدارە ھەيئىتى باشلىقى ئابلاي مىرزائەخمەتوۋ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا، كەسپىي خادىملار سەۋىيەسىدە خىزمەتلەرنىڭ قىلىنىشى، تۈرك كېڭىشىنىڭ كارخانا ئىمكانىيەتلىرىدىن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پايدىلىنىشى، تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر بىرلىكى تەرىپىدىن قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجانلىق مۇتەخەسسىسلەرنى كارخانا ساھەسى بويىچە ئىلگىرىلەپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن دائىرىسىدە، قازاقىستان تەشەببۇسكارلار ئورگىنى بىلەن تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر بىرلىكى ئارىسىدا ھەمكارلىق ۋە ئورتاق ئورگان تەسىس قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

نۆۋەتتە قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەدە بولۇپ، بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالدى بىلەن تۈرك كېڭىشى دائىرىسىدە تۆت تەرەپ (قىرغىزىستان ۋە ئەزەربەيجان)، كېلەچەكتە تېخى تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولمىغان ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئالتە تەرەپ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈشى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تۈرك كېڭىشىنىڭ ئۆزىگە خاس توشۇمىچىلىق كارىدورىمۇ شەكىللەندۈرۈلۈشى لازىم. چۈنكى، ھازار دېڭىزىدا ھاسىل قىلىنىدىغان كارىدورنىڭ رايون ۋە دۇنيا سودىسىنىڭ ئاساسىي تومۇرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىش ئىمكانىيىتى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر