ئىلىدا تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى تەۋەلىكىدە 9 سائەت ئىچىدە ئىككى قېتىم تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن مال – چارۋىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

704282
ئىلىدا تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، بىرىنچى قېتىملىق تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ توختاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىككىنچى قېتىملىقى بولسا، يەكشەنبە سەھەر سائەت 2 دە يۈز بېرىپ، رايوندىكى بىر قوتاندىكى مال – چارۋىلارغا زىيان يەتكۈزگەن؛ ۋەقەدە 400 گە يېقىن مال – چارۋا ئۆلۈپ كەتكەن.

ئالاقىدار تارماقلار، توسۇلۇپ قالغان يوللارنىڭ ئېچىلىپ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى، ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاھالىنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر